ئات ھەققىدە مۇخەممەس
ئەھمەدشاھ قاراقاشى
1
دۇئايى بىئەدەد، خوجام نەزەر مۇفتىمغا ئەلۋەتتە،
تەھىيياتۇ سالىمىم ئانچۇنان ئاھۇ-نادامەتتە،
ۋىسال بولغاي دۇئا بىلەن سالىمىم ياخشى سائەتتە،
سېنى ياد ئەيلىدىم ھەر كۈن سەھەرلەردە ئىبادەتتە،
كى سەندىن ئۆزگە دوستۇم يوق ئىدى ئاقسۇ ۋىلايەتتە.
2
ساڭا مەن نامە يازدىم، نامۇناسىپ لەۋزىدىن ئەي يار،
بىھەمدۇللاھ، تىرىكلىكتىن نىشانە ئەيلىدىم ئىزھار،
بىلىشنى ئىستىسەڭ، مۇندا شۈكۈركىم، بىز ئەمەس بىمار،
تېنىڭ ساقمۇ بۇ كۈنلەردە سېنىڭ، ئاندا نە ھالىڭ بار،
مۇشەققەتلىكمۇ سەن، يا ئۆتتىمۇ ئۆمرۈڭ پاراغەتتە؟
3
قېرىلىق ھالىدىن سورىسام، يېتىشتى نەچچىگە ياشىڭ،
سېنىڭ ھالا بۇكۈنلەردە ئاقارمىشمۇ قارا باشىڭ،
ئايال، ئۇششاقلىرىڭ ساقمۇ يەنە قەۋمۇ قېرىنداشىڭ،
قانداقتۇر ئىشتىھايىڭ، سىڭەمدۇ ھەر ۋاخ يېگەن ئاشىڭ،
تەنلىرىڭ ساق، چىرايىڭ تازىمۇ ھۆسنى مالامەتتە؟
4
ئاڭلىغىن، ئەي رەپىقا، سۆزىنى ئەھمەدشاھ قاراقاشتىن،
بايان ئەيلەيكى ھالىمنى ساڭا ئەمدى يېڭىۋاشتىن،
ئەقىدەم بار ئىدى شۇنچە يېقىن تۇغقان قېرىنداشتىن،
سېنىڭ كۆڭلۈڭ ماڭا قاتتىق ئىكەن گويا قارا تاشتىن،
كۆرۈپ مەن، بىلگىنىم يوق مەن ئۇنى ئەينى زۆرۈريەتتە،
5
سېنى مەن دوستۇ يارىم دەپ، كۆڭۈلدە ئېتىقاد ئەتكەچ،
مۇھەببەت رىشتىسىدىن ھەر زامان كۆڭلۈمنى شاد ئەتكەچ،
سۈپىتىڭنى قىلىپ دائىم خوتەن ئەھلىگە، ياد ئەتكەچ،
ئەۋەتتىم ساڭا ئاتمىش تەڭگىنى، كۆپ ئىئتىماد ئەتكەچ،
ئەۋەتكەي بىر ياخشى ئات دەپ، ھامان ئۆتتۈم خىيالەتتە.
6
پۇلۇمنى توختىتىپ بىر يىل، ئەۋەتىپسەن ماڭا بىر ئات،
ئېشەكچە يوقتۇر رەپتارى، بۇ ئاتنىڭ ھەربىر مىجەزى يات،
كى يولدا توختىۋالدى قامچا بىلەن ئۇرمىسام پات-پات،
كۇلا-ئارغامچىنى ئۈزدى قوزۇققا باغلىسام قات-قات،
ئۇلاپ ئارغامچىنى ھاردىم، كۈنى قالدىم ھالاكەتتە.
7
بايان ئەيلەي يەنە بىر-بىر بۇ ئاتنىڭ ئەيبىنى، ئاڭقا،
قىڭغىر قۇيرۇق، سىڭا سۆڭگەچ، پۇتى مايماق، بويى لاڭقا،
بىرى تەپكەك، بىرى مۆڭگەك، بۇ ئەيىپلەر ئۈستىگە ماڭقا،
ساماندىن بەش كۆشۈك يەپ، ھەر قەدەمدە بىر تۇرۇپ ساڭقا،
تۇغۇلماس ھېچ ۋىلايەت ئىچرە بىر ئات بۇ قىياپاتتە.
8
مىنىپ چىقسام ئېلىپ ئۇردى، يىقىلدىم، نەچچە كۈن ياتتىم،
قويۇپ بەرسەم، بۇزۇپ باغنى، ھەمىشە ئەلنى قاخشاتتىم،
سۇغارغاندا قېچىپ سۆرەپ، ئاران ھارغاندا توختاتتىم،
تېگىشتىم ئۇي بىلەن بەش-ئالتە نۆۋەت، ئون قېتىم ساتتىم،
قىلىپ دەۋا كېلىۋەردى، ماڭا ياندى شەرىئەتتە.
9
ئەگەر يولغا مىنىپ چىقسام، تۈزۈك يۈگرۈپ چاپالمايدۇ،
ۋە يا ئۇي ھارۋىسى بىلەن باراۋەرمۇ ماڭالمايدۇ،
مۇبادا توختىۋالغاندا ئۇرۇپ قويسا چىچاڭلايدۇ،
مىنىپ تۇرغان كىشى شۇئان بېرىپ يەرنى قۇچاقلايدۇ،
خەتەرلىكتىن بۆلەك خىسلەت تېپىلماس بۇ كاساپەتتە.
10
ئۇرۇپ مىڭ تەستە چاپتۇرسام، سوكۇلدايدۇ ئېشەك ئوخشاش،
قورساق سانجىق بىلەن ئاغرىپ، كېتەر گويا زىڭىلداپ باش،
يەنە بىر ئەيىبى شۇدۇر چىرقىراپ سەت، يولدا تاپ توختاش،
زېرىكمەي مىنسە، بىر سائەت بېرەلمەس ھېچ كىشى بەرداش،
شەھەر-يېزا ئارا قىلغان سەپەر، سەيلە- ساياھەتتە.
11
زۆرۈريەتتىن مىنىپ، دوستلار بىلەن بارسامكى بىر سارى،
بولالماي چۈشكىچە، ئاش ۋاقىتلىق يەرگە بېرىپ ھاردى،
كېيىن قالدى ئېشەكتىن، گاھىدا ئۇي بىلەن تەڭ باردى،
پاتقاققا پېتىپ ئالسا، كۆتۈرسە قوپمىغاي زادى،
قايان بارسام بۇ ئات بىلەن قېلىپتۇرمەن پالاكەتتە.
12
ئېرىقنى كۆرسە ياندى ئارقىسىغا، ئۆتمىدى ئاتلاپ،
ئەگرى يولغا كىرىپ ئالسا ئەگەركىم، ھارمىدى قاتراپ،
غۇلاپ بوينىغا چۈشتۈم، قاترىغاننىڭ زەربىدىن چاچراپ،
ئىچىم سانجىق بىلەن تولدى، قوۋۇرغام بەنتىدىن ئاجراپ،
ساقايدىم ھەر زامان پارپى يالاپ مەئجۇنى شەربەتتە.
13
بوغۇز يېسە بېسىپ يېدى تولا ئىخلاس بىلەن چايناپ،
خورازدىن قىزغىنىپ پۇرقۇپ، تېپىشلەپ پۇتلىرى ئويناپ،
سوۋۇتقاندا تۇرار مۈگدەپ، كۆزىدىن ھەم چاپاق قايناپ،
كى بېشى ساڭگىلار يەرگە، چىۋىنلەر بەستىنى قاپلاپ،
قايسى بىر جانغا خۇش كەلگەي سىياقى بۇ لاياقەتتە؟
14
جاھان بازارىدا ھېچكىم بۇ ئاتقا تەڭنى تاپماسلەر،
يىقىلسا گاھىدا مۈدرۈپ، تېپىپ-ئۇرمىسا قوپماسلەر،
زورىدىن بىر يۈگۈرسۇن دەپ ھەرنىمە قىلسا، چاپماسلەر،
سالاملاشسام، تۇرىۋېلىپ، تاياقسىز زادى ماڭماسلەر،
ئوسال ئات كۆپ قېتىم قويدى مېنى شۇنچە خىجالەتتە.
15
تېپىپ قېشىغا كەلتۈرمەس كىشىلەرنى، يېقىن بارسا،
تۇيۇقسىزلا مۆڭۈپ قاچار بىرەر شەپە تۇيۇپ قالسا،
چىچىپ رەسۋا قىلار ئوت-چۆپنى، ساماننى ئالدىغا سالسا،
ئوقۇر ئۆرۈيدۇ ھەر كۈندە ئېغىل ئىچرە ئورۇن ئالسا،
بۇ ئاتتىن بەك زېرىكتىم مەن بېقىپ بىچاغ بىتاقەتتە.
16
ئېغىلنى توختىماي بۇزدى، ئىشىكنى كۆپ قېتىم چاقتى،
بوغۇپ تەخينى ئۆلتۈردى، موزاينىڭ ھەم خۇنى ئاقتى،
قېچىپ كەتسە تۇتۇق بەرمەي، تالاي كۈن باشقىلار باقتى،
تۆلەپ ھەق ھارمىدىم مەنمۇ، ھامان ھەركىمگە خۇشياقتى،
تالاپەتتىن بۆلەكنى كۆرمىدىم، قايغۇ-نادامەتتە.
17
بوشاپ چىقسا تالاغا، توختىماي سەكرەپ چىچاڭلايدۇ،
كىرەر بولسا چىمەننى چەيلەيدۇ، بوستاننى چاڭلايدۇ،
كىشىنى كۆرسە كىشنەپ، كەلسە چىشلەپ، تېخى قوغلايدۇ،
قاپاق ۋە كوزىنى چەيلەپ، چۆگۈننى ئۆرە قويمايدۇ،
بالا-ئۇششاقلىرىم بۇ ئات بىلەن ھەردەم ئاداۋەتتە.
18
بۇزۇپ ئەلپازىنى بىر كۈن قېچىپ بىر مەلىگە يەتتى،
كى قوغۇنلۇققا كىردى، ئىشتىھا بىلەن غاجاپ كەتتى،
جامائەت ئولىشىپ شۇدەم ئاغزى-بۇرنۇمنى قان ئەتتى،
بەدەل بەردىم تاغار ئاشلىق، قورساقنى دەرت-ئەلەم ئەستى،
بۇ ئات بىلەن قېلىپتۇرمەن ھەمىشە كۆپ مالامەتتە.
19
مېنى زاڭلىق ئېتىشتى خەلق، بۇ ئات ئەھۋالى كۆپ تارقاپ،
ئېلىپ چىقماسقا بەند قىلدىم، ئۇنى تۈۋرۈككە چىڭ باغلاپ،
قومۇردى-يۇلدى تۈرۈكنى، كېچە كىرسەم مۆڭۈپ قۇتراپ،
كاساپەتنى ئېغىل باسقاچ توكۇر بولدى پۇتى ئاقساپ،
دېدىم مەن: ئۆلسىمۇ-ئۆلسۇن، خۇدا قىلغان ئىرادەتتە.
20
ئۇرۇق تۇغقانلىرىم قانچە قېشىمغا ئات سوراپ كەلدى،
بۇ ئاتنىڭ ئەسلى خۇي-پەيلى مېنى غەمگە ئوراپ كەلدى،
باھانە ئەيلىسەم نەچچە، ئۇلار يامان قاراپ كەلدى،
ئىلاجىم يوق بىرىپ تۇردۇم، مىنەلمەي ياندۇرۇپ كەلدى،
بۇ جېنىم چىققىلى تۇردى كۈنى يۈزمىڭ خىجالەتتە.
21
ئەۋەتكەن بۇ ئېتىڭغا ھېچ كىشى بىر يول قاراپ باقماس،
قەلەندەر بىلەن ئابدالدىن بۆلەكلەرگە غولى ياقماس،
كۆتۈرۈپ گەز بويى ھېچ ئات ساغرىنى ئۇنىڭدەك چاقماس،
كىشىكىم ئات بالاسىدىن بۇنىڭدەك بىھېساپ قورقماس،
ئېلىشتىم، غەم بىلەن قايغۇ بېسىپ تائەت-ئىبادەتتە.
22
تولا ھەيدىدىم قوغلاپ، سوراپ-ئىستەپ ئېلىپ كەلدى،
يېدى ئات ئاشلىقىمنى دەپ نەچچە نۆۋەت تۆلەپ ئالدى،
تۆلەمنى بەرمىسەم، ھەيدەپ كېتىپ ئۈچ كۈن سولاپ ئالدى،
يىغىپ يۇرت خەلقىنى، ئالدى تۆلەمنى، ئات ماڭا قالدى،
خالايىق ئىچرە قالمىشتۇر بېشىم ئۇنداق شىكايەتتە.
23
قۇتۇلسام ئۇشبۇ ئاتتىن دەپ خېرىدارىنى ئاختۇردۇم،
بېدىكنى ھەر قاچان كۆرسەم، چۈچۈك تىل بىلەن يالۋۇردۇم،
قېرى ھالىم بىلەن قاتراپ ئۆيىگە كۆپ مېڭىپ ھاردىم،
يېيىشلىك ھەم كۈچى بار دەپ ئۇنى مەن شۇنچە ماختىدىم،
بازاردا يەتمىدى ئالغان پۇلۇمغا بۇ سالاھەتتە.
24
ساتالمىدىم بۇ ئاتنى مەن، سېلىپ ھەر ھەپتە بازارى،
بۇ ئاتنىڭ ئەپتىدىن قورقۇپ يېقىن كەلمەس خېرىدارى،
يامانلىق شۆھرىتى بولدى خوتەن بازارىدا جارى،
بىراۋ كۆرسە ئۇنى، قاچتى، ئېلىپ بارغىن دەپلا نارى،
قانداق قىلاي بۇ كۈن دوست-يار ئارا كۆپ-كۆپ مالامەتتە.
25
بىزار بولغاچ يەنە كۈن-تۈن يەنە بازارغا ئەپ چىقتىم،
تىلىگەنگە ساتايچۇ دەپ، بۇ سۆزنى ئۆيدە دەپ چىقتىم،
يېپىپ جۇل ھەم يەنە ئوبدان ئېگەر ئۈستىگە سېپ چىقتىم،
سېتىلماي قالمىغىيدى دەپ تۈمەنمىڭ غەمنى يەپ چىقتىم،
نادامەت ئەيلىدىم، قالدىم ئەجەپ بىچاغ زەلالەتتە.
26
كى ئاندىن ئىككى ئاي باقتىم پىچانغا كۈنى-تۈن باغلاپ،
سىلاپ جىسمىنى ھەر كۈندە كۈنجۈت يېغىدا ياغلاپ،
بوغۇزنى قاينىتىپ بەردىم، يېدى ھەرچاغ ئۆزى چاغلاپ،
بېدىكلەر ئولىشىپ يالغاننى ئېيتىپ، بەكمۇ داڭلاپ،
ئاخىر ساتتىم نېسىغا، بىر قەلەمدەر ئالدى مۆھھلەتتە.
27
شىكايەتكە ئېغىز ئاچسام ئارام ئالماي قىلارمەن داد،
قۇتۇلدۇم ئۇشبۇ ئاتتىن، بولدى كۆڭلۈم قايغۇدىن ئازاد،
سۇنۇپ پۇت-قولنى ياتقۇم ئەمدى راست روھىي راۋانىم شاد،
نەزەرلەردىن ھەزەرلەر ئەيلىمەككە مىڭ قەسەملەر ياد،
كى ئۆمرۈم ئۆتكۈسىدۇر دوست-يارانلارغا ساداقەتتە.
28
چۈشۈپتۇر ئاسماندىن ئون تۇلۇمدا لاپ بىلەن يالغان،
بىرى ئالەمگە تارقاپ، توققۇزى مۇفتىمغىلا قالغان،
پۈتۈن يالغان ئەمەسمۇ ئاتنى ئاتمىش تەڭگىگە ئالغان،
بۇ ئاتمىش تەڭگىدىن ئېنىقكى ئوتتۇز تەڭگىنى سالغان،
بېيىپ كەتكەن ئىكەنسەن ئەسلىدىن شۇنداق خىيانەتتە.
29
ئۆزۈڭ موللا بۇرادەر، ئەجەپكى نەپسىڭىز غالىپ،
چىرايىڭ خوپ سالاپەتلىك، بىلۇرمەنكىم دىلىڭ قالىپ،
بولۇپدۇرسەن بېرىپ ئاندا كىشىنىڭ ھەققىغە تالىپ،
كۈنۈڭ ئوبدانمىدۇر، ئەي يار، مېنىڭ ھەققىمنى ئېپقالىپ،
كۆچۈرۈپ روزىغارىڭنى يۈرۈپسەنمۇ ھالاۋەتتە؟
30
سېنى مۇفتى دېگەن بىلەن تۈزۈك ئانچە ساۋادىڭ يوق،
سېنىڭ ھەق بىلەن ناھەقنى بىلىش چاغلىق ئىمانىڭ يوق،
ساداقەت يارۇ دوستلارغا ئۈمىد ۋە ئېتىقادىڭ يوق،
قېرىنداش، ئەلگە، تۇغقانغا تېرىقچە ئىئتىمادىڭ يوق،
ئىشەنگەي كىم ساڭا ئەمدى، بۇرادەر، ئۇشبۇ ھالەتتە؟
31
نومۇس قىل خەلقى-ئالەمدىن، سالامەت سەن، ئەمەس بىمار،
خىيانەتلىك قىلىپ شۇنچە، خىجىللىق ئەيلىمەك دەركار،
مېنىڭ ھەققىمنى يەپسەن، ئۆزگىنىڭ ھەققىنى يېمە زىنھار،
كىشىنىڭ ھەققىنى يەپ، مىڭ ئىبادەت قىلغىنىڭ بىكار،
سەئىي بىرلە كۈنى-تۈن ئۇخلىماي تۇرساڭمۇ تائەتتە.
32
ماڭا ئۇ ئات ئۈچۈن دائىم ئۆيۈمدە كۆپ مالامەتتۇر،
يېمەك بىر ئاتتا ئوتتۇز تەڭگىنى قانداق خىيانەتتۇر،
يېقىنلاشقاچ قىيامەت، بەد دىيانەتلىك ئالامەتتۇر،
مېنىڭ قالغان پۇلۇم بىرنەچچە كۈن سەندە ئامەنەتتۇر،
بېرەردۇرسەن ئۇنى تاڭلا تولۇق روزى قىيامەتتە.

0 باھا: