ئۆلسەڭچۇ
مۇھەممەتجان راشىدىن
ئۇزغانلاردەك ئۇزالماي، «ئۇھ» تارتقۇچە ئۆلسەڭچۇ،
ئۇزغانلارنىڭ رىزقىغا كۈل چاچقۇچە ئۆلسەڭچۇ.
ھەسەتخورغا «ھە-ھۇ!» دەپ دوست تارتقۇچە ئۆلسەڭچۇ،
تېرىقچىلىك تۆھپەڭ يوق، گەپ ساتقۇچە ئۆلسەڭچۇ،
ئويلاپ باقماي ئۇياتنى، لاپ ئاتقۇچە ئۆلسەڭچۇ.
«ئەدىب» دەيسەن ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ كۆككە كۆتۈرۈپ،
ئۆزگىلەرنى ئۆزۈڭچە تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈپ.
ئۇنۋانىڭنى داملايسەن، باشقىلارنى چۆكۈرۈپ،
بىر ئەسەرنى «ئەي قىلدىڭ» شاگىرتىڭدىن كۆچۈرۈپ،
شۇ يول بىلەن تۆت تەڭگە پۇل تاپقۇچە ئۆلسەڭچۇ!
ئوغرىلىقتىن باشلاندى شائىرلىقىڭ بىرىڭنىڭ،
تونۇمايدۇ ئۆزۈڭنى مىسرالىرى شېئىرىڭنىڭ.
پاكلانمىدىڭ، تايىنى يوق چۈنكى يۇغان كىرىڭنىڭ،
چاشقانمىدى ئىسمى يا تۇتقان ئۇستاز-پىرىڭنىڭ،
شورا بۇزۇپ، باغۋەننى قاقشاتقۇچە ئۆلسەڭچۇ؟
دوختۇر ئىدىڭ بىر ئوبدان، سەنمۇ ئەجەب بولغاندىڭ،
پۇل بەرگەنگە شاپاشلاپ، بەرمىگەنگە تولغاندىڭ.
شەيتان بىلەن، ئېيتقىنا، قاچان، نەدە قونغانتىڭ،
پارىخورغا قاچان دوست، قاچان ئۈلپەت بولغانتىڭ؟
دوختۇر تۇرۇپ شۇ يولدا ئات چاپقۇچە ئۆلسەڭچۇ!
ئەمەل بەرسە ئاينىدىڭ، ئايىمىدىڭ ئۆزۈڭنى،
نان بەرگەنلەر ئۇنتۇلدى، نەپكە سالدىڭ كۆزۈڭنى.
ياق، دېمەيسەن كىم ئەگەر يۇيۇپ قويسا يۈزۈڭنى.
كىم ئاڭلايدۇ خەلقىڭدىن ئەمدى سېنىڭ سۆزۈڭنى؟!
ئۈمىدىنى شۇلارنىڭ ئاقساتقۇچە ئۆلسەڭچۇ!
ئاناڭ يىغلار قاۋاقتىن سېنى ئىزدەپ تاپالماي،
ئاتاڭ قاقشار جۇدۇندا، كۆمۈر تاپسا چاقالماي،
ئاچ-توق يۈرەر،ئاھ، شۇلار ئۇچىسىنى ياپالماي،
بەش قېرىنداش بىر ئاتا-بىر ئانىنى باقالماي،
قازىنىڭنى شۇلارسىز قايناتقۇچە ئۆلسەڭچۇ!
ۋەسۋەسىسى ئاقچىنىڭ ھالاك قىلدى ۋىجداننى،
چۈشتى ئەخلاق ھاسىغا ھالال يېمەي ھەر ناننى.
قويۇپ بەردىڭ قەلبىڭنىڭ سەھنىسىگە شەيتاننى،
چۈشكەندىمۇ بەزىدە بېسىپ چۈشتۈڭ ھايۋاننى،
سورۇنىدىن ۋىجداننىڭ باش تارتقۇچە ئۆلسەڭچۇ!
ئاداشقىنى نېمىسى ئاق نان تۇتقان ئالىقىنىڭ،
بولۇپ قاپسەن تەخسىكەش، قېنى تاپقان ئالتۇنىڭ؟
چېپىپ كەلدىڭ چاپ دېسە، دەل ئۆزى بوپ پالتىنىڭ،
خوشامەتتە ئاق نانغا ئايلاندىمۇ تالقىنىڭ؟
بىر كۈچۈككە ئۆزۈڭنى ئوخشاتقۇچە ئۆلسەڭچۇ!
ئۇ شامالمۇ خوپ ساڭا، بۇ شامالمۇ خوپ ساڭا،
ھېچ يانغىندا شۇڭلاشقا، تۇتاشمايدۇ ئوت ساڭا.
مۇشەققەتتە سايەڭ يوق، نەدە كەلگەن جۇت ساڭا؟!
سۈزۈك سۇمۇ، لاي سۇمۇ تۇيۇلىدۇ قۇت ساڭا،
ئەگىز ئاققان ئازگالغا تەڭ ئاققۇچە ئۆلسەڭچۇ!
قانداق ئۆتتى بىر كۈنۈڭ، ئويلىمايسەن كەچ يېتىپ،
باققىنىڭ يوق خاماندا بىرەر ئاخشام چەش ئېتىپ.
كۆزىتىسەن كۆڭلۈڭنى كۆرۈنگەنگە قاش ئېتىپ،
قوغلىمايسەن ئېتىزدىن بىر قارغىنى تاش ئېتىپ،
بىر تويغاننى توي بىلىپ جان باققۇچە ئۆلسەڭچۇ!
ئاسسام ئالتۇن زەنجىر! دەپ باشلىۋالساڭ پاراڭنى،
ئەسلىتىدۇ ئەسەبىي تۇرقۇڭ خۇددى ساراڭنى.
ساتقىڭ كېلۇر جايىڭغا قوشۇپ ئۈزۈم باراڭنى،
تىلغا ئېلىپ قويمايسەن، ئەمما، يېلىڭ ئاناڭنى،
ئاناڭ تۇرسا ئالتۇنغا چاپلاشقۇچە ئۆلسەڭچۇ!
قىلمىغىنىڭ قالمىدى چوكان يوقتەك سەنچىلىك،
ماختانمىساڭ بىلمەمدۇق سېنىڭ ھۆسنۈڭ قانچىلىك؟!
جامالىڭنىڭ نۇرى بار، بولسا بەلكىم شامچىلىك،
رەگىڭ تۇرۇپ ئارانلا ئاقارتمىغان تامچىلىك،
ئاش كىردى! دەپ ئۆزۈڭنى ئاشلاتقۇچە ئۆلسەڭچۇ!
بىرىڭ ئاسان ئامەت دەپ، ئادەت قىلدىڭ قىمارنى،
خروئىندىن چىقاردىڭ بەڭ ئۆگەتكەن خۇمارنى.
رىزۋان كەبى بىرلىرىڭ ئۆرۈپ بىزنىڭ مۇنارنى...
سوراقلاردا كېكەچلەپ يوشۇرماققا شۇلارنى،
گەپ-سۆزۈڭنى ھەريانغا شاخلاتقۇچە ئۆلسەڭچۇ!
دېگەنتىڭغۇ دوستلۇقنى ئىنسان ئۈچۈن بىر گۆھەر،
دېگەنتىڭغۇ: ئىككى دوست ئارىسىدۇر بىر شەھەر!
بىراق-بىراق، دوستۇڭغا كەلكۈن كەلسە بىر سەھەر،
پۈركۈۋېلىپ بېشىڭنى، بولۇۋاپسەن بىخەۋەر،
بىر جېنىڭدىن ئەنسىرەپ جىم ياتقۇچە ئۆلسەڭچۇ!
ئالدامچىلىق، ساختىلىق ــ قىلغان ئىشىڭ ياقتۇرۇپ،
بۇلاپ ئالدىڭ تۈن كېچىدە ئۆتكەنلەرنى ئاختۇرۇپ.
ئاتا-ئاناڭ ئەجدادىڭ ئاق سۈتتىنمۇ پاك تۇرۇپ،
ئەقىل-ھوشۇڭ جايىدا، تۆت ئەزايىڭ ساق تۇرۇپ،
سەللە يۆگەپ يالغاندىن قۇر ئاچقۇچە ئۆلسەڭچۇ!
روناق تاپتىڭ بىر مەھەل ياخشىلارنى يامان، دەپ،
جۆندىمىسەك ۋاقتىدا، يۈرەلمەيمىز ئامان، دەپ.
ئېيتمىدۇقمۇ: تۈلكىلىك ئەسقاتمايدۇ ھامان! دەپ،
قاچتىڭ ئاخىر چاشقاندەك، نەدە كونا خامان؟ دەپ،
يولۋاس بىلەن چاغلىماي ئويناشقۇچە ئۆلسەڭچۇ!
يازغانلىرىم مىلىيوننىڭ بەرى ئەمەس، بەزىلەر،
سۇ يۇقمىغان ئۆردەكتەك كار قىلمايدۇ ۋەزىلەر.
ئەستىن چىقار ئۈچ كۈندە قىلغان قەسەم، ۋەدىلەر.
ئەۋج ئالار چاڭ-توزان، يەنە كونا پەدىلەر...
دەيمەن شۇڭا ئۇ يەڭلىغ ئۆي قاققۇچە ئۆلسەڭچۇ!

0 باھا: