ھىدايەتنامە
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
1
ئۆمۈر مەنزىلىدىن تىنماي ئىزلىدىم مەن ھەقىقەتنى،
تەپەككۇر بولدى بىر ھادى تېپىشتا چىن ھىدايەتنى،
تىلەپ ھەر سۆزگە باي مەنا يەنە جانلىق پاساھەتنى،
دىلىم ئىستەيتى ئىزھارغا ھەمىشە مەقبۇل پۇرسەتنى،
كېلىڭ ئەي دوستلىرىم ئەمدى خۇشال باشلايلى سۆھبەتنى.
2
سۆزۇمنىڭ باشى بىسىمىللاھ، بۇ مۆمىنلىك ۋەزىپەمدۇر،
سانا يۇ ھەمدۇلەر ئېيتسام تۈمەن مىڭى يەنە كەمدۇر ،
قۇرۇق، تۇزسىز ئىبادەتتىن ئەمەل ئەۋزەل، ئەقىدەمدۇر،
بۇ دەۋايىمغا بۇرھانىم مۇشۇ يازمىش قەسىدەمدۇر،
تىلەيمەن رەببىم ئاللاھدىن قولۇمغا كۈچ ۋە قۇۋۋەتنى.
3
تەئەججۈپ ئەيلىشەر بەلكىم بىراۋلار بۇ قەسىدەمدىن،
ئەجەپلەنمەس ئىدى ئىچسە ئەگەر بىر قەترە چەشمەمدىن،
ئېزىقتىم مەنمۇ بىر چاغلار ناگاھ تەۋرەپ ئەقىدەمدىن،
شۈكرىكىم رەھنامە تاپتى كۆڭۈل سۇلتانى تەۋبەمدىن،
ئىلاھا ئەيلىگىل مەڭگۈ ماڭا بۇ بەختۇ-ئامەتنى.
4
تۇغۇلغاچ ئىككى مۆئمىندىن ئۆتۈپ ئەللىكتە سەككىز يىل،
يەكۈنلەش سائىتى يەتتى ئۆمۈرنى ئەمدى ئەستايىدىل،
نەزەر سالسام بېسىپ ئۆتكەن يولۇمغا بولمايىن غاپىل،
ئاقۇر كۆز ياشلىرىم گويا بولۇپ ئېرىتىش ۋە ياكى نىل،
جاھاندا چەكمىگەي ھېچكىم مېنىڭدەك كۆپ نادامەتنى.
5
سەھەردە ھەمدۇلەر ئېيتار ئۇچار قۇشلارمۇ ھەردەمدە،
نېمىشقا بولمىسۇن بىر ھىس تىرىك پەرزەنتى ئادەمدە،
ۋاھالەنكى ئادا بولماي ھېسابسىز قەرز بۇ زىممەمدە،
ھامان قاينايدۇ ھەسرەتلىك پۇشايمانلار بۇ قەلبىمدە،
ئۆمۈرنى زايە قىلماڭلار ئېلىپ مەندىن بۇ ئىبرەتنى.
6
باھار يامغۇرلىرى ھەرتاڭ يۇيار ھەم ياشنىتار تاغنى،
ئېرىقلار بىرلە كەلگەن سۇمۇ ھەتتا گۈللىتەر باغنى،
مۇيەسسەر قىلسا مەقسىدىم مۇراتقا يولنى ئاچماقنى،
ئېرىتسە ھېچ ئەجەپمەسكىم كۆزۈمنىڭ ياشلىرى داغنى،
ئاتا قىلسا ئىلاھىم خەزىنەسىدىن قەترە رەھمەتنى.
7
سىراتەل مۇستەقىم تاپماق ئەگەر بولسا نەسىبەمدە،
نادامەت داغلىرى قالماس ئىدى مەھزۇن بۇ سىنەمدە،
ئۈمىدىم بىر بېقىپ ئىقبال كۈلۈپ تەلەي پىشانەمدە،
جاراڭلاپ كەتسە قەلبىمنىڭ ساداسى بۇ قەسىدەمدە،
نىسىپ ئەيلەپ ياراتقان زات ماڭا بەختۇ-سائادەتنى.
8
خىيالىم دېڭىزى تىنماي چايقىلىپ ھەمىشە قايناق،
كېچىلەر ئاز يۇمۇپ كۆزنى ۋە گاھى تاڭغىچە ئويغاق،
قولۇم يەتمەيدىغان شاخقا ئېسىلدىم شۇنچىلىك مۇشتاق،
ئىلاھىم ئۆزى يار بولغاي ئۈمىدىمگە يەنە جىقراق،
ئاسان ئەيلەپ بۇ مەنزىلدە ماڭا ئۇچرار مۇشەققەتنى.
9
پىكىر دەرياسىگە قانچە تىرەن چۆمگەنسىرى ھەر تۈن،
كۆڭۈلنىڭ كىرلىرى شۇنچە يۇيۇلدى، تارقىدى ئەپسۇن،
ھاياتىم گەرچە پۇشمانلىق دىلىمدۇر ناتىۋان مەھزۇن،
ۋە لېكىن جان كىتابىگە قوشۇلدى تۇمەن مىڭ مەزمۇن،
يېقىن كەلتۈرمە ئى رەببىم! كۆڭۈلگە ئەمدى غەپلەتنى.
10
تەپەككۇر كۆزى بىلەن باقسا كىشى ئالەمگە بىر مەررە،
ئەمەستۇر خالى ھېكمەتتىن ۋە ھەتتاكى ھەسەل ھەرە،
ئادىمىزات يۈكسىلىپ گەرچە ئاتومدىن تاپتى مول زەررە،
ۋە لېكىن بىپايان سىر دېڭىزىدىن بۇ تېخى ئازغىنە قەترە،
ئىلاھا قىل كەرەم كۆپرەك بىلەيلى سىررۇ-ھېكمەتنى.
11
بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك،
كۆڭۈل روشەنلىشىپ ئاندىن تونار ئۆز زاتىنى خوپراق،
مىسال: قارىغۇ نېچۈك بىلسۇن ،قۇياش قانداغۇ ئاي قانداق،
بىلۇر ئەمما گۆدەك ھەتتا نېچۈكدۇر گۈل نىچۈك ياپراق،
دىمەككى مەرىپەتتىن جان تاپۇر ئەقلى–پاراسەتنى.
12
تۈمەن مىڭ يىل داۋامىدا ئۆتۈپ سانسىز ئاقىل-دانىش،
ھايات سىرىنى بىلمەكنى قىلىشتى ئارزۇ ھەم خاھىش،
بىراۋلەر قىلسىمۇ كۈچەپ خۇداسىزلىقنى پەرمايىش،
ۋە لېكىن ئەكسىرى مۇتلەق ئېلىپ مەيداندا ئەزمايىش،
ئاخىرى ئېتىراپ قىلدى ئۇلۇغ بىر روھى قۇدرەتنى،
13
مىسال: بىر قەترىدىن ئادەم بىنا بولغاننى ئويلاپ باق،
ئانا قارنىدا بۇ جايغا ھاۋا تولغاننى ئويلاپ باق،
تۇغۇلماق سائىتى يەتسە ئانا بولغاننى ئويلاپ باق،
بۇ مۈشكۈلگە نە قانۇن پانا بولغاننى ئويلاپ باق،
شۇ چاغدا تاپقۇسى قەلبىڭ بىرەر مەنتىقى-پىكرەتنى.
14
بۈگۈن پەن يۈكسىلىپ شۇنچە قىلۇر پەرۋازىنى ئەركىن،
ۋە ھەتتا ئاي ۋە يۇلتۇزدا يەر ئوغلى ياققۇسى يالقىن،
بۇڭا ئەۋلادى ئادىمىزات ئوقۇر مىڭ مەدھىيە تەلقىن،
لېكىن ئادەم بىنا قىلماق بۇ ئادەمگە نېچۈك مۇمكىن،
ياراتقان تەڭرىدىن باشقا كىشى تاپماس بۇ قۇدرەتنى.
15
نېمىشقا ئاياغ ئىككى، كۆز ئىككى، ئېغىز بىردۇر،
يەنە كۆزلەرگە قاش كىرپىك بىنا قىلغان قايسى تەھرىردۇر،
نىمىشقا مىڭ كىشى چېھرى يەنە مىڭ خىلدا تەسۋىردۇر،
قېنى ئېيتىڭچۇ؟ بۇ سىرغا نىچۈك سۆز توغرا تەبىردۇر،
تەپەككۇر ئاچقۇسى كەڭ يول چۈشەنمەككە بۇ سۈرەتنى.
16
ئۆلۈمنى ئويلىسا ھەر كىم بىلۇر ئۆز زاتىنى ئاندىن،
تۇغۇلماق سۆڭرە ئۆلمەكلىك ئاياندۇر ھەممىگە ئايدىن،
لېكىن نەدە، قاچان، قانداق ئۆلۈشنى كىم بىلۇر ئالدىن،
ئېچىلماس سىر بولۇپ كەلدى بۇ ماۋزۇ دەۋرى–دەۋراندىن،
ھەمىشە يىغسىمۇ دۇنيا بۇ سىرغا ھەممە دىققەتنى.
17
ئۆلۈمگە بىر دەۋا ئىزلەپ جاھاندىن كەتتى كۆپ دەنا،
ۋە لېكىن تاپمىدى ھېچكىم بۇ ئىشتىن زەررىچە مەنا،
ئارىستو ياكى لوقماندەك ھەكىملەرمۇ بىمۇستەسنا،
دېيىشتى ئاخىرى مۇتلەق ئۇلۇغ قۇدرەتكە ئامەننا،
دېمەك مۆمىن ئەمەس بۇزماق بۇ قانۇنى زۆرۈرەتنى.
18
قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلار ساما سەيلە ئېتىپ ھەر كۈن،
مۇئەييەن يول ۋە تەرتىپتە خاتاسىز دەۋر ئېتەر ھەر كۈن،
بۇڭا ھاكىم ئىكەن مۇتلەق ئەجەپ بىر مۇنتەزىم قانۇن،
بۇ چەكسىز كائىنات تاپمىش ئەشۇ خىلدا تولا مەزمۇن،
يورۇپ نۇرلانغۇسى قەلبىڭ چۈشەنگەنچە بۇ ھالەتنى.
19
ۋە بەلكى بەزىلەر ئېيتار تۈزەلمەكلىك تەبىئەتتۇر،
ۋەھالەنكى تەبىئەت ھەم ئەجەپ بىر خىلدا ھەييەتتۇر،
بۇ ئالەم سىرلىرى بىزگە ھۇنۇن بىر ياخشى ئىبىرەتتۇر،
شېغىل تاش ھەر زامان تاشتۇر، زۇمرەت-زۇمرەتتۇر،
تەپەككۇر تاشقىنى يۈتسۇن كۆرەڭ باتىل–جاھالەتنى.
20
مىسال: پەن-ھۈنەر ئەسىرى قۇرۇپ ھىكمەت دۇكانىنى،
ياراتتى ئىپتىخارلىق بۇمۇ ئىجازەتلەر زامانىنى،
يەنە ھەم ئاشقۇسى كۆپلەپ بۈيۈك ھىممەت داۋانىنى،
لېكىن ئادەم تۈگۈل ھەتتا ئۇنىڭ بىر قەترە قانىنى،
ياسالماس ھەر نىچۈك ئالىم قىلىپ تەقلىد بۇ قۇدرەتنى.
21
ھاياتلىق سىرىغا تەكرار تۇخۇمنى كەلتۈرەي بۇرھان،
توخۇسىز ئالۇر ھەر كىم تۇخۇمدىن چۈجىنى ئاسان،
ئەگەرچە يەنە مىڭ ھەسسە تەرەققىي قىلسىمۇ دەۋران،
تۇخۇمنىڭ ئۆزىنى لېكىن ياسالماس بەلكى بۇ ئىنسان،
دېمەك مەخلۇق ھامان مەخلۇق، بىلۇر خالىقلا خەلقەتنى.
22
نەزەر سالساق ئەگەر بۇغداي ۋە ياكى باشقا بىر دانغا،
تېرىپ ئۆستۈرمىسە دېھقان ھوسۇل تولمايدۇ خامانغا،
ئەگەرچە دان ياساش مۇمكىن بولۇپ قالسىدى ئىنسانغا،
زاۋۇتلاردا ياساپ ھەر كۈن پۇلى توختايتتى ئەرزانغا،
دېمەك مەخلۇق ئەمەس قادىر ياراتماققا تەبىئەتنى،
23
ھاياتلىق سىرلىرى شۇنداق ئاجايىپ كەڭرى دۇنيادۇر،
بىلىپ يەتكەنىمىز تامچە، ئەگەر ئۇ بەھرى دەريادۇر،
كىمكى مەۋجۇدات زاتەن ئۇلۇغ ھىكمەتلەر ئەھيادۇر،
كى تۇپراق بولمىدى كىميا مەگەر بولسا ئۇ خۇليادۇر،
ھايات قانۇنى ھەردەمدە قىلۇر تەكرار بۇ ئىبىرەتنى.
24
مىسالنى يەنە يۈز-يۈزلەپ تېپىش مۈشكۈل ئەمەس ھەر ئان،
ۋە لېكىن ھەممىدىن ئەلا ئۇلۇغ مۆجىزىدۇر قۇرئان،
خۇسۇسەن بولسا تەپسىرى «سۈرە رەھمان»،
كۇپايە قىلمىسا كاشكى ئاشۇنچە «ما تۇكەززىبان»،
قۇلۇپلۇق بولمىسا قەلبىڭ قوبۇل ئەيلەر بۇ نىمەتنى.
25
تولۇق ئون تۆت ئەسىر ئۆتتى نەقىشلەر بولمىدى سادىر،
نېمىكى دىسە قۇرئاندا بۈگۈن دۇنيادا شۇ زاھىر،
بۇنىڭدەك مۆجىزە ئىشىگە نىچۈك مەخلۇق بولۇر قادىر،
ئۇنىڭ تەرىپىگە سۆزنى تاپۇر قايدىن ئەدىپ، شائىر،
نىسىپ قىلمايدىكەن تەڭرى ئەگەر تىلغا بالاغەتنى،
26
ئۆتۈپ بىر مىڭدا تۆت يۈز يىل ھاۋادىسىلەر بىلەن بىر-بىر،
بىرەر ئىش قالمىدى شەكلەن ۋە مەنەن بولمىغاي تەغيىر،
بىراۋلار قەسىت بىلەن قۇرئان قۇرئان بېتى قىلسىمۇ تەھرىر،
لېكىن ئۆزگەرمىدى بىر ھەرپ، بىرەر ساكىن ياكى زىر،
چۈشەنمەك نە مۈشكۈلدۇر بۇ مۆجىزە–كارامەتنى،
27
پۈتۈن ئۆمرىدە يا مەكتەپ يا ئۇستاز كۆرمىگەن بىر زات،
ئوقۇپ بىركۈن «ئىقرا بىسمى رەببىكەللەزى»نى ھەيھات،
تېپىپ قۇددۇسى قۇدرەتنىڭ ئۇلۇغ ئەنۋارىدىن ئىرشات،
نەبۇۋەت ئەسىرىنىڭ شانلىق تۇغىنى ئەيلىسە بۇ نىيات،
نىچۈكمۇ ئىتىراپ قىلماس ئەقىل مۇنداق ھەقىقەتنى.
28
ئۇقۇپ كۆرسەك بۇتارىخنى ئەجەپ بىر ئەسرى ھىكمەتتۇر،
مۇبارەك تەرجىمەھالى تامامى پەزلى–خىسلەتتۇر،
رەقىپلەر ئىتىراپىمۇ بۇڭا ئەلۋەتتە ھۆججەتتۇر،
بۇ زاتنىڭ ئىسمى شەرىپى رەسۇل ئەكرەم مۇھەممەددۇر،
ياراتتى مەڭگۈ ئۆلمەس بىر ئۇلۇغ ئەسىرى سائادەتنى.
29
نەبۇۋەت تاڭى ئاتماستا ئەرەبنىڭ ھالىنى ئەسلەڭ،
جاھالەت دەستىدىن ئەلنىڭ ئايانچ ئەھۋالىنى ئەسلەڭ،
زالالەت ھەم رەزىللىكنىڭ ياۋۇز ئىمسالىنى ئەسلەڭ،
مىسال: بىر قىز تۇغۇلسا گەر زەبۇن ئىقبالىنى ئەسلەڭ،
يىمىردى نەبۇۋۋەتلا ئەرەبتىن بارچە زۇلمەتنى.
30
ۋەھىنى بەزىلەر ئىلھام دىيىشتى بىر زامان ھۆكمەن،
ۋەھالەنكى ئۇلۇغ قۇرئان ئەمەستۇر قىسسە يا رومان،
ئۇنى ئىلھام بىلەن ئىجاد قىلىشقا بولسا گەر ئىمكان،
نېمىشقا يازمىدى بىر كىم يەنە ئىككىنجى بىر قۇرئان،
نېچۈكمۇ ئېتىراپ قىلماس كىشى مۇنداق ھەقىقەتنى.
31
بىراۋلار قىلدىلەر دەۋا، نەبىلىك ئۈستىدە ھەتتا،
تېپىپ مىڭ ھىيلە-نەيرەڭلەر، ئۆزىنى كۆرسىتىپ تەقۋا،
يېزىپ ئايەتكە تەقلىدلەر، ۋە ھەتتا قىلسىمۇ غەۋغا،
جاھاندىن كەتتىلەر لېكىن، بولۇپ ئالەمگە مىڭ رەسۋا،
تاپالماس چۈنكى باتىللىق، ھەقىقى شانۇ-شۆھرەتنى.
32
بۇلارنىڭ ھەممىسى جانلىق ئۇلۇغ مۆجىزە ئەلۋەتتە،
يەنە قانداق دەلىل لازىم بايان قىلماققا بۇ ھەقتە،
ئەقىل ساھىپلىرى جاندىن ئۆتەر تەستىق، قانائەتتە،
ئەگەرچە ياق دىسە بەزى مۇخالىپلار جاھالەتتە،
ئۆزىگە رەھنامە قىلسۇن ئەدىل، مەردانە پىكرەتنى.
خاتىمە
33
بايان قىلغانلىرىم گەرچە دېڭىزدىن تامچىدۇر ئەمما،
نامايەندۇر قۇياش ئەكسى بىر تامچە سۇدىمۇ ھەتتا،
قەسىدەم ئەلگە يەتكۈزسە ھىدايەتتىن بىرەر مەنا،
مۇكاپات شۇ ئىدى مەنچۈن، ئەمەسمەن ئۆزگىگە تەشنا،
كۆچەتنى تىككۈچى مەيلى كۆرەلمەي ئۆتسە راھەتنى.
34
ئەقىدەم ھەققە باغلانغان، بۇ يولدا ئەتىمادىم بار،
شۈكرىكىم، ھەق ئاتا قىلغان ئىرادە،ئېتىقادىم بار،
ئەقىدە ساھىبى بولغاچ دىلىمدا پەخرۇ-يادىم بار،
دېمەيمەن مۇنچە گۇستاھلىق،قىلىشقا نېمە ھەددىم بار،
پىسەنت قىلماس كۆڭۈل چۈنكى قۇرۇق تەنە–مالامەتنى.
35
جاھان باقى ئەمەس، لوقمان چېغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر بۇڭا ئىسكەندەر، ۋە ھەتتا ئەركى چىڭگىزخان،
كېلىپ-كەتمەك بىلەن مەشغۇل، جاھانغا بېھىساپ كارۋان،
ئۆتەر دۇنيا، كېچەر دۇنيا، پەقەت ھەقلا سۈرەر دەۋران،
ئۆمۈر مەنزىلىدە تاپتىم نىھايەت شۇ ھەقىقەتنى.
تولۇق ئوقۇش