ئىز غەزىلىگە مۇخەممەس

Filed under: by: ئەلخۇشتار

ئىز غەزىلىگە مۇخەممەس


چىدىماي خورلۇققا ۋىجدان تاشقىنىدا قەھرىمىز،
ياندى ھۈرلۈك ئىشقىدا يالقۇن چېچىپ پاك قەلبىمىز،
جانتەسەددۇق ئەيلىشىپ قەيسەر يىگىت، مەردانە قىز،
ياش ئىدۇق ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىپ ماڭغاندا بىز،
ئەمدى ئاتقا مىنگۈدەك بوپقالدى ئەنە نەۋرىمىز.

بەستىمىزگە شىر كەبى قۇدرەت-مادار يىغقاندا بىز،
قان-قىساسنىڭ سىرتمىغىدا، ياۋ گېلىن سىققاندا بىز،
چىرىگەن باغرىغا نەپرەت خەنجىرىن تىققاندا بىز،
ئاز ئىدۇق مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلىنىپ چىققاندا بىز،
ئەمدى چوڭ كارۋان ئاتالدۇق قالدۇرۇپ چۆللەردە ئىز.

تەلپۈنۈش تاڭغا جەسۇر ئەجدادىمىزغا ئەنئەنە،
روھى ئەۋلاد بەختىنى قىلغاي ئەبەدكە تەنتەنە،
قىسسە سۆزلەر قان بىلەن ئۆسكەن قىزىل يۇلغۇن ئەنە:
قالدى ئىز چۆللەر ئارا، گاھى داۋانلاردا يەنە،
قالدى نى-نى ئارسلانلار دەشت-چۆلدە قەبرىسىز.

يالتىرار تۇلپار ئىزى، ئالماس قىيا، تاغ غولىدا،
نەيزىلەر چاقماقى مەشئەل بولدى تارىخ يولىدا،
سەلتەنەتلىك نامىمىز ئۆچمەيدۇ ئەۋلاد دىلىدا،
قەبرىسىز قالدى دېمەڭ، يۇلغۇن قىزارغان دالىدا،
گۈل-چېچەككە پۈركىنۇر، تاڭنا باھاردا قەبرىمىز.

بىز ئېچىپ ماڭغان يېڭى يوللاردا ئىقبال جىلۋىسى،
ناخشىمىزغا جۆر ئەرك كارۋانلىرىنىڭ نەغمىسى،
غايىمىز گۈلشەنىدە ئاچقاي قۇچاق قۇت لەيلىسى،
قالدى ئىز، قالدى مەنزىل، قالدى ئۇزاقتا ھەممىسى،
چىقسا بوران، كۆچسە قۇملار ھەم كۆمۈلمەس ئىزىمىز.

ئۆتتى يىل ئىز قوغلىشىپ، يۈزلەرگە ئاھ!... چۈشتى قورۇق،
كەڭ ۋەتەن تۇپراقىغا، چاچتۇق ئۈمىدتىن بىز ئۇرۇق،
بولسىمۇ مۈشكۈل مۇساپە، ۋەلېكىن مەنزىل يورۇق،
توختىماس كارۋان يولىدىن، گەرچە ئاتلار بەك ئورۇق،
تاپقۇسى ھېچ بولمىسا بۇ ئىزنى بىر كۈن نەۋرىمىز يا ئەۋرىمىز.

0 باھا:

Subscribe in a reader